فىرانسىيەدە كىشىلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا قارشى چىقتى

فىرانسىيەنىڭ ژىغوندې ۋىلايىتىدە مىڭلىغان مۇھىت ئاسىراش پائالىيەتچىلىرى رايونغا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يولىنىڭ ياسىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

2198008
فىرانسىيەدە كىشىلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسيە تاراتقۇلىرى ژىغوندې ۋىلايىتىدە مىڭلىغان مۇھىت ئاسىراش پائالىيەتچىلىرىنىڭ، پارىژ، تۇنۇز ۋە دەكس لىنيەسىدە ياسىلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تۆمۈر يولىنىڭ ياسىلىشىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە نامايىش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«سولچى بويۇن ئەگمىگەن فىرانسىيە پارتىيەسى» نىڭ ياشلار ياچېيكىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقا مۇھىت ئاسىراش جەمئىيەتلىرىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر چىقتى. نامايىشچىلار بىر ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بەردى. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېكىس (X) بېتىدە ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا: «لۈكچەكلەر مۇھىتنى باھانە قىلىپ، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا ھۇجۇم قىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر