زېلېنسكىي ئىتالىيەدە مېلونى بىلەن كۆرۈشتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا باش مىنىستىر گىئورگىيا مېلونى بىلەن كۆرۈشتى.

2197488
زېلېنسكىي ئىتالىيەدە مېلونى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپا زىيارىتى دائىرىسىدە يېتىپ بارغان رىمدا، ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، مېلونى ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى، بۇ قوللاشنىڭ ھەربىي ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىككى رەھبەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇشنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىگە قاتنىشىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي كۆرۈشۈشتە يەنە، ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونىغا «غەلىبە پىلانى» نىڭ تەپسىلاتلىرىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە ئۇكرائىنا ئۈچۈن «قايتا قۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن مېلونىغا رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر