لاۋروۋ: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئېغىر قۇتراتقۇلۇق بولىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ: «ئىسرائىلنىڭ ئىران يادرو مۇئەسسەسەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى ئېغىر قۇترىتىش بولىدۇ» دېدى.

2197790
لاۋروۋ: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئېغىر قۇتراتقۇلۇق بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ لائوسنىڭ پايتەختى ۋىيېنتىياندا ئۆتكۈزۈلگەن 19-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن سېرگېي لاۋروۋ، يىغىن باياننامىسىنىڭ ئېلان قىلىنالمىغانلىقىنى، «ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ باياننامىگە سىياسىي مەنە يۈكلەپ، جۇغراپىيەلىك-سىياسىي توقۇنۇش سېنارىيەلىرى بىلەن تولدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈردى.

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىنى رۇسىيە بىلەن خىتايغا قارشى ئىشلىتىشكە، شۇنداقلا ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى سىستېمىنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن لاۋروۋ: «ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى ناتونىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ يەردە ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقىدا نۇرغۇن مەخپىي ھەربىي-سىياسىي بىرلەشمىلەر قۇرۇلماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق ھەمكارلىقنى توسۇپ، بۇ رايوننى پارچىلىماقتا. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى نەتىجىسىدە بۇ رايوننىڭ ھەربىيلىشىش خەۋپى ئېشىپ، مۇقىملىق ئۈچۈن زىيانلىق مەسىلىلەر پەيدا بولماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش تەھدىتلىرى ۋە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر ئىراننىڭ تىنچلىق تەرەپدارى يادرو مۇئەسسەسەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ياكى تەھدىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، بۇ ئىنتايىن ئېغىر بىر قۇترىتىش بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر