ئامېرىكالىق دىپلومات خىتايغا قارشى ئىتتىپاق قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى راھم ئېمانۇئېل ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «ناتوغا ئوخشاش» بىر ئىتتىپاق قۇرۇشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2197125
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى راھم ئېمانۇئېل ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى —ناتوغا ئوخشاش» بىر ئىتتىپاق قۇرۇشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېمانۇئېل «ۋال سترىت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىملىرىغا «ئورتاق پوزىتسىيە بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن» قۇرۇلغۇسى ئىتتىپاق توغرىسىدا توختالدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۆپ تەرەپلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە قارىتىلغان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان باش ئەلچى ئېمانۇئېل، بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ يولغا قويۇلىدىغان ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ بېسىملىرىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ، بۇ دائىرىدە «ناتوغا ئوخشاش» بىر سودا ۋە مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئىتتىپاقنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك شەرتنامىسىنىڭ، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھەرقانداق بىر ئەزا دۆلەتكە ياردەم قىلىشىنى مەزمۇن قىلغان ماددىسىغا ئوخشاش بىر ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن باش ئەلچى راھم ئېمانۇئېل، خىتاينىڭ كوۋىد-19 ۋاباسىدىن كېيىن يولغا قويغان يۇقىرى باج سىياسىتىگە دۇچ كەلگەن ئاۋسترالىيەنىڭ، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي تايىنىشچانلىقىنى ئازايتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئىشىبا شىگېرۇمۇ ئۆكتەبىردە سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، «ئاسىيادا ناتوغا ئوخشاش بىر ئىتتىپاق قۇرۇش» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە يېڭى پەيدا بولغان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى 15 كىشىنى ئۆلتۈردى
نىگېرىيەنىڭ كېببى ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 15 كىشى قازا قىلدى.