گېرمانىيە ئىسرائىلىيەنى داۋاملىق قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەيدۇ
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئىسرائىلىيەنى داۋاملىق قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز غەززەدە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر باشلانغان ۋەقەلەرنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان يىغىنىغا قاتناشتى.
شولز يىغىندا، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى بولغان خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى پارتىيەسى رەھبىرى فرېدرىك مېرزنىڭ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال - ياراغ ئېكىسپورت قىلىنىشىغا ئىجازەت بەرمىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيەنىڭ بۇ دۆلەتكە يېتەرلىك دەرىجىدە ياردەم قىلالمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلىمەسلىكى توغرۇلۇق قارار چىقارمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بىز ئىسرائىلىيەنى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەمىنلەيمىز، بۇ ھەقتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى مانا مۇشۇنداق.»
ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئىسرائىلىيەنى يەنە قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەش توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.