خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

خىتاي-رۇسىيە ئارمىيەلىرى بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.

2196606
خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىدا ئۆتكۈزگەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىغا رۇسىيە ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى ۋە بىر دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى بىلەن قاتناشتى.

خىتاي ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، مانېۋىرغا «055-تىپلىق» ۋۇشى، «052D-تىپلىق» شىنىڭ ناملىق زەربىدارلار پاراخوتلىرى بىلەن «054A-تىپلىق» لىنيى دېڭىز ئارمىيە پاراخوتىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت، بىر تەمىنلەش تانكېرى بىلەن ئۈچ پاراخوت تىك ئۇچارىنىڭمۇ مانېۋىردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، مانېۋىرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىدا ئېلىپ بارغان ئورتاق چارلاش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي ۋە رۇسىيە ئارمىيەلىرى ئۆتكەن ئايدا يەنە مەزكۇر رايوندا «شىمال/ھەمكارلىق-2024» ناملىق ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر