گۇتېررېس: كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالدۇق
ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس لىۋاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
2196644
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا سۆز قىلىپ، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ «قايناش نۇقتىسى»غا كېلىپ قالغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ پۈتۈن رايونغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھۇجۇملاردا 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گۇتېررېس لىۋاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.
ئوتتۇرا شەرقتە ۋەزىيەتنىڭ ھەر سائەت تېخىمۇ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس، ئۆزلىرى ئېلان قىلىۋاتقان ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭمۇ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ھەر بىر ھۇجۇمنىڭ تىنچلىق ئورنىتىشنى بارغانسېرى قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شۇ سەۋەبتىن بىز غەززە ۋە لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىش، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش چاقىرىقلىرىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز» دېدى.
ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىدىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن باش كاتىپ گۇتېررېس، «رايوندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە ياشاش ھوقۇقى بار» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار كلىنتونغا نارازىلىق بىلدۈردى
ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار كلىنتوننىڭ ھاماس ھەققىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.