غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 42 مىڭ 10 غا يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 45 ئادەم كۆپىيىپ، 42 مىڭ 10 غا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 369 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 3 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 45 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 130 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023 - يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 42 مىڭ 10 غا، يارىلانغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 97 مىڭ 720 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار كلىنتونغا نارازىلىق بىلدۈردى
ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار كلىنتوننىڭ ھاماس ھەققىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.