ئىسرائىلىيە غەززەدە 146 دوختۇرنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023 - يىلى 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا 42 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا ۋە 146 دوختۇر جېنىدىن ئايرىلدى.
2195442
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، غەززە رايونىدا تىببىي ئەسلىھەلەرنىڭ %83 ى ۋە دورىلارنىڭ %60 ىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىرغىنچىلىقى ۋە ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، ھەرقايسى تارماقلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 146 دوختۇرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىنىڭ سىرتىدا داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق 25 مىڭ بىمار ۋە يارىدارلارنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى.
ئىسرائىلىيە بىر يىلدىن بۇيان غەززە رايونىدىكى ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى قامداش ئۈچۈن بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن باشقىلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، داۋالاش ئەشيالىرى ۋە يېقىلغۇلارنى غەززەگە ئەۋەتىشىگە قەتئىي يول قويماي كەلمەكتە.