ئىران پىرېزىدېنتى: بىزنىڭ ئىسرائىلىيەگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىمىز قاتتىق بولىدۇ

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان تىنچلىقنى خالايدىغانلىقلىرىنى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئۆزلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرسا، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2194187
ئىران پىرېزىدېنتى: بىزنىڭ ئىسرائىلىيەگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىمىز قاتتىق بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا ھەمكارلىق دىيالوگى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

پەزەشكىيان بۇ يەردە ئىراننىڭ رايوندىكى پوزىتسىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز قان تۆكۈلۈشكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىز ئەزەلدىن تىنچلىقنى خالايمىز، خاتىرجەملىكنى خالايمىز ، بىز ھېچقانداق دۆلەتتە قان تۆكۈلۈشنى خالىمايمىز، ئەمما ئىسرائىلىيە بىزنى جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ.»

مەسئۇد پەزەشكىيان ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئىيۇل (2024) نىڭ باشلىرىدا پايتەخت تېھراندا ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە مېھمىنىمىزغا سۇيىقەست قىلىپ، بىزنى جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. يەنە كېلىپ، مەن پىرېزىدېنت سۈپىتىدە قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان كۈنى كەچتە شۇنداق قىلدى. ھېچقانداق دۆلەت ۋە ھېچقانداق بىر تەرەپ بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ھېچقانداق بىر رايون ئۇرۇشنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا تەرەققىي قىلالمايدۇ ۋە گۈللىنەلمەيدۇ.»

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراندىن ئۆچ ئېلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ئىسرائىلىيە ئۆچ ئالسا، بىزنىڭ ئىنكاسىمىز تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ.»

پەزەشكىيان ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، غەربنىڭ بۇ باسقۇچتا ئىسرائىلىيەنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قارشى تىنچلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشقا تىرىشماقتا، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.

ئۇلار (ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى) بۇ ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، <ھەرگىز ئىنكاس قايتۇرماڭ، ئەگەر ئىنكاس قايتۇرسىڭىز، بۇ ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىدۇ> دەۋاتىدۇ، دۇنيا تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ھېچقاچان بۇنداق كەڭ كۆلەملىك سۈركىلىشنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى كۆرىمىز.

مەن يەنە بىر قېتىم شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بىز ئەزەلدىن تىنچلىق تەرەپتارىمىز. بىز بۇ جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى قەتئىي خالىمايمىز. بىز بۇ جىددىيچىلىكنىڭ دائىرىسىنىڭ رايونغا كېڭىيىپ كېتىشىنى خالىمايمىز. مەن غەربكە شۇنداق چاقىرىقتا بولىمەنكى: ئىسرائىلىيەنى چېكىندۈرۈڭلار، چۈنكى ئىسرائىلىيەنى بۇ رايوننىڭ مەركىزىگە سىلەر ئورۇنلاشتۇردۇڭلار، بۇ رايوندىكى قانلارنىڭ تۆكۈلۈشىدە سىلەرمۇ رول ئويناۋاتىسىلەر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر