غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 41 مىڭ 788 گە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 99 ئادەم كۆپىيىپ، 41 مىڭ 788 گە يەتتى.

2194404
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 41 مىڭ 788 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 363 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 8 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 99 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 169 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 – يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 41 مىڭ 788 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 96 مىڭ 794 كە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاختۇرۇش – تۇتۇش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بىر ئايال بىلەن سابىق تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 پەلەستىنلىك قولغا ئېلىندى.

شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023 – يىلى 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تۇتقۇن قىلغان پەلەستىنلىكەرنىڭ سانى 11 مىڭ 100 دىن ئاشقان بولدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىمۇ 2023 – يىلى 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىگەللىىۋالغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا 722 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر