ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدە ۋەھشىيانە ئىرقىىي قىزغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە بىر قىسىم ئۆيلەرگە قىلغان ھۇجۇمىدا، 40 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدە بىر مەكتەپ ۋە يېتىم-يىسىرلار ئورنىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، 10 پەلەلستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.
غەززەدىكى ياۋروپا دوختۇرخانىسى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى سالام، مەنارا ۋە مائان رايونىدا ئۆيلەرگە قىلغان ھۇجۇمىدا 40 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى بومباردىمان قىلىنغان، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى رايونلارغا بېسىپ كىرىپ، ھەرىكەت قىلغانلىكى ھەر قانداق نەرسىنى ئوققا تۇتقان.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى نەق مەيدانغا يېقىنلاشقان ھەممىلا كىشىگە قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقتىن، بىر قىسىم ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا قالغان جەسەتلەرنى ۋە يارىلانغانلارنى چىقىرىش خىزمىتىنى باشلاشقا مۇمكىن بولمىغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىشى ۋە بومباردىمانى سەۋەبىدىن كىزان ئەل نەججار بىلەن مەنارا رايونىدىن نۇرغۇن پەلەستىن ئائىلىلىرىنىڭ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا قارىماستىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقى كۆرۈلدى.