ئىشىبا شىگېرۇ ياپونىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولدى
ياپونىيەدە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يېڭى رەئىسى ئىشىبا شىگېرۇ يېڭى باش مىنىستىر بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشىبا شىگېرۇ پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى ئاۋام پالاتاسى (شۇگىن) دا ئۆتكۈزۈلگەن پەۋقۇلئاددە يىغىندا باش مىنىستىر بولۇپ سايلاندى.
ئىشىبا شىگېرۇ لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە شېرىكى كومىتو ھىمايىسىدىكى 465 ئورۇندۇقلۇق ئاۋام پالاتاسى (شۇگىن) دا 291 قوللاش بېلىتىگە ئېرىشىپ ياپونىيەنىڭ 102 - باش مىنىستىرى بولدى.
لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلىك سايلىمىغا ئىككىسى ئايال، جەمئىي توققۇز نامزات قاتناشقان بولۇپ، ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا ئىشىبا شىگېرۇ ئايال رەقىبى تاكاچى سانانى مەغلۇب قىلغان ۋە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يېڭى رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئىدى. لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ نامزات چىقىرىش بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
يېڭى كابىنېتىنى ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىشىبا شىگېرۇ ئىمپېرىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ.
ئىشىبا شىگېرۇنىڭ 27 - ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇددەتتىن ئىلگىرىكى سايلامغىچە ۋەزىپە ئۆتۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.
لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە باش مىنىستېر كىشىدا فۇمىئو ئاۋغۇستتا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسى ئىئانە فوندى سەتچىلىكىنىڭ سىياسەتكە بولغان ئىشەنچنى تەۋرەتكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2021 - يىلى ئۆكتەبىردە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش مىنىستىر كىشىدا فۇمىئو ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك سايلىمىغا قاتناشماسلىقنى قارار قىلغان ئىدى.
باش مىنىستىر كىشىدا فۇمىئو ۋە ئۇنىڭ كابىنېتى بۈگۈن ئەتىگەندە ئىستىپا بەردى.