ئەلقاسسام بىرىگادالىرى بۇ قېتىم نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى ئۇجۇقتۇردى
پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادالىرى بۇ قېتىم ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە ئېغىر زەربە بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادالىرى غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنېس شەھىرىدە مىنالىق رايوننى پارتىلىتىش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يارىلاندۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئەلقاسسام بىرىگاداسىنىڭ باياناتىدا، خان يۇنۇس شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئەل فۇخارى رايونىدا ئالدىن تەييارلانغان مىنالىق رايوننى پارتىلىتىش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يارىلاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە تەۋە ئىككى ئەسكەر توشۇش ئاپتوموبىلى، بىر مېركاۋا تانكىسى ۋە ئىككى D9 ھەربىي توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ پارتىلاتقۇچلار ۋە ياسىن -105 تىپلىق راكېتا بىلەن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى، تىك ئۇچارلارنىڭ ئەسكەرلەرنى يۆتكەش ئۈچۈن قونغانلىقى كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا، تەخمىنەن 17 مىڭ كىچىك بالا ۋە 11 مىڭ 378 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 41 مىڭ 615 پەلەستىنلىك قازا قىلىپ، 96 مىڭ 359 پەلەستىنلىك يارىلاندى.
خارابىلىك ئاستىدا ھازىرمۇ مىڭلىغان كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ بارلىقى، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ خەلق پاناھلانغان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورگانلىرىنىمۇ بومباردىمان قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 7 - ئۆكتەبىردە غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان 713 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 4448 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇلاردىن 346 نەپىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن تاجاۋۇز قىلىش جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.