تېھراندا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىغا نارازلىق بىلدۈرۈش ۋە ھىزبۇللاھ باش كاتىپى ھەسەن نەسرەللاھ قاتارلىق  ھۇجۇملاردا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

2193485
تېھراندا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىڭلىغان كىشى تېھراندىكى پەلەستىن مەيدانىغا يىغىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ رەھبىرى ھەسەن نەسرەللاھ ۋە ئىران بىرىگادا كوماندىرى ئابباس نىلفۇرۇشان ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇملىرى ھەمدە غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىران، لىۋان، پەلەستىن ۋە ھىزبۇللاھ بايراقلىرى بىلەن نەسرەللاھنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

دۇئا قىلغان، مەرسىيەلەر ئوقۇغان چوڭ – كىچىك نامايىشچىلار دائىرىلەرنى «بىزنىڭ بىردىنبىر سۆزىمىز ئىنتىقام ئېلىش» شوئارى بىلەن ئىسرائىلىيەگە جاۋاب قايتۇرۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر