فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ستۇب ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولماقتا

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ستۇب دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولماقتا.

2193547
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ستۇب ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېھمان پىرېزىدېنت ئالېكساندىر ستۇب ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى جايلاشقان ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىنى زىيارەت قىلدى.

ئالېكساندىر ستۇب كېيىنچە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

قۇرتۇلمۇش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي مۇناسىۋەتلەرنى كەلگۈسى مەزگىللەردىمۇ تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنتلار دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئالېكساندىر ستۇب بولسا كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈركىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تىنچلىق ئورنىتىش ساھەسىدىكى  دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ھەر خىل مۇنبەرلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

مېھمان پىرېزىدېنت ئالېكساندىر ستۇب بىلەن بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە - فىنلاندىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تۈركىيە - فىنلاندىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ستۇبنىڭ پىرېزىدېنت سالاھىيىتى بىلەن تۈركىيەگە قىلىدىغان تۇنجى زىيارىتى جەريانىدا، غەززە، پەلەستىننىڭ ئەھۋالى، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر