باغداد ئايرودۇرۇمى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد خەلقئارا ئايرودۇرۇمى «كاتيۇشا» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
2193489
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (INA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «كاتيۇشا» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن بىرى باغداد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى بوش جايغا، يەنە بىرى شۇ رايوندىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا چۈشكەن.
ھۇجۇملاردا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باغدادنىڭ ئامىرىيە رايونىدىكى ماشىنىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى تېپىلغان.