ئىسرائىلىيەنىڭ يەمەنگە قىلغان ھۇجۇمىدا تۆت كىشى قازا قىلىپ، 49 كىشى يارىلاندى

يەمەندىكى خۇسىيلار ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇدەيدەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە 4 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2192974
ئىسرائىلىيەنىڭ يەمەنگە قىلغان ھۇجۇمىدا تۆت كىشى قازا قىلىپ، 49 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارغا تەۋە «ئەل-مىسىرا» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەمەننىڭ غەربىدىكى ھۇدەيدە شەھىرىدە بىر ئېلېكتر ئىستانسىسىنى بومباردىمان قىلغان.

ھۇجۇمدا دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھۇدەيدە پورتىدا 1 ئىشچى ۋە ئېلېكتر ئىستانسىسىدا  3 ئىنژېنېر قازا قىلغان ھەمدە  49 كىشى يارىلانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ باياناتىدا، نۇرغۇن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ راس ئەيسا ۋە ھۇدەيدە پورتىدا خۇسىيلارغا تەۋە نىشانلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ نېفىت سودىسىغا ئىشلىتىلىدىغان ھۇدەيدە پورتى بىلەن ئېلېكتر ئىستانسىسىغا زەربە بەرگەنلىكى، خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پورتتىن ئىرانغا تەۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە ماتېرىياللارنى توشىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خۇسىيلار ھەپتە ئاخىرىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكادىن قايتىشى ئەسناسىدا، تېل ئاۋىۋنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بېن گۇرىيون ئايرودرومىنى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر