ھاماس لىۋاندا تۇرۇشلۇق رەھبەرلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ھاماس لىۋاندا تۇرۇشلۇق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان فەتەخ شەرىف ئەبۇ ئەل ئەمىننىڭ ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەل باس لاگېرىدىكى ئۆيىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2192962
ھاماس لىۋاندا تۇرۇشلۇق رەھبەرلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ تېلېگرامما ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەل-باس لاگېرىدىكى خاماسنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋە چەتئەلدىكى رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ ئەزاسى بولغان ئەبۇ ئەل ئەمىننىڭ ئۆيىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئەبۇ ئەل ئەمىندىن باشقا يەنە، ئايالى ئۇمەييە ئىبراھىم ئابدۇلھەمىد، ئوغلى ئىمىن ۋە قىزى ۋەفانىڭمۇ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر