ئىسىرائىلىيە ئامېرىكانىڭ يېڭى ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئىسىرائىلىيە يېڭىدىن ئامېرىكانىڭ 8.7 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم پىلانىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2192133
ئىسىرائىلىيە ئامېرىكانىڭ يېڭى ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باش مۇدىرى ئەيال زامىرنىڭ 26-سېنتەبىر (2024) ۋاشىنگتوندا تېل ئاۋىۋنىڭ ئامېرىكادىن 8.7 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم ئېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ياردەمنىڭ مۇھىم ئۇرۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشنى، قالغان 5 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق مەبلەغنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا يەنە، كېلىشىم بويىچە ياردەملەرنىڭ پات يېقىندا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر