يەرلىكايا: 825 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا 1-يانۋاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش داۋامىدا 825 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
2189421
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى يەرلىكايا دىيارباقىردا چاقىرىلغان بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، 2024-يىلى 1-يانۋاردىن 31-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بارلىق تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىغا قارشى 35 مىڭ 428 ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يەرلىكايا، بۇ ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە 825 تېررورچىنىڭ بىتەرەپ قىلىنغانلىقى ۋە 70 تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدى ئېلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە، بىر تەرەپ قىلىنغان بارلىق تەشكىللىك جىنايەت تەشكىلاتلىرىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن نەرسە - كېرەكلەرنىڭ قىممىتىنىڭ 36 مىليارد لىرا ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.