ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلارغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھىزبۇللاھنىڭ 30 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىسى ۋە 150 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇۋاھچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن نۇقتىلار بومباردىمان قىلىنغان. ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بەزى رايونلارنى ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى رايونلاردىكى ھىزبۇللاھنىڭ ئۇل-ئەسلىھەلىرى ۋە قورال - ياراغ ئامبارلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقى، توپچى قىسىملارنىڭ ناكۇرا رايونىنى بومباردىمان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىسرائىلىيە-لىۋان چېگراسىدا 8-ئۆكتەبىر (2024) دىن بۇيان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا پات - پات شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز 19-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.