ستولتېنبېرگ: تۈركىيە بولمىسا، ياۋروپا قىتئەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ: «جەنۇبتا تۈركىيە بولمىسا، ياۋروپا قىتئەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

2189448
ستولتېنبېرگ: تۈركىيە بولمىسا، ياۋروپا قىتئەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا، گېرمانىيەنىڭ «مارشال فوندى» ناملىق ئىستراتېگىيە مەركىزىدە بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ۋىدالىشىش نۇتۇقى سۆزلىدى.

نۇتۇقىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ياۋروپا بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپانىمۇ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن جەنۇبتا تۈركىيەدىن شىمالدا نورۋېگىيەگىچە بولغان جايدىكى ناتو قالقىنىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

«ياۋروپالىقلار ناتو بولمىسا، (بۇ) قىتئەدە بىخەتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك» دېگەن ستولتېنبېرگ، بۇنىڭ پەقەت مەنبەلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى جۇغراپىيە بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «جەنۇبتا تۈركىيە، شىمالدا نورۋېگىيە ۋە غەربتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا ۋە ئەنگلىيە بولمىسا، ياۋروپا قىتئەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ 10 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋەزىپىسىنى 1-ئۆكتەبىردە گوللاندىيەنىڭ  سابىق باش مىنىستىرى مارك رۇتتېغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر