ئىران باش ئەلچىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران لىۋاندىكى چاقىرغۇ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ پارتلىتىلىشى جەريانىدا باش ئەلچىسى مۇجتەبا ئەمانىنىڭ يارىلىنىشىغا «خەلقئارا قانۇن بويىچە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

2189140
ئىران باش ئەلچىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى دائىمىي ۋەكىلى ئەمىر سەئىد ئىراۋانىنىڭ لىۋاندىكى ۋەقەلەر ھەققىدە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا يوللىغان مەكتۇپى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاندى.

ئىراننىڭ «قاراقچى ئىسرائىلىيە تۈزۈمى»نىڭ لىۋاندىكى «بۇزغۇنچىلىق ۋە تېررورلۇق» پائالىيەتلىرىنى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن مەكتۇپتا، ئىسرائىلىيەنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىپ، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت سالغانلىقى بايان قىلىندى.

مەكتۇپتا، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى «ئىسرائىلىيە تۈزۈمى»نى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋنىڭ خاتالىقلىرىنىڭمۇ جاۋابكارى  ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

«ئىران، لىۋاندىكى باش ئەلچىسىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمغا خەلقئارا قانۇن بويىچە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ» دېيىلگەن مەكتۇپتا، ب د ت باش كاتىپى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ تېررورلۇق پائالىيىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنىمۇ قاتتىق ئەيىبلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەكتۇپتا،  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن «تېررورچى تۈزۈم»گە قارشى زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلاش تەلەپ قىلىندى.

لىۋاندا 17-سېنتەبىر ھىزبۇللاھ ئەزالىرى ئىشلىتىۋاتقان چاقىرغۇ ئۈسكۈنىلىرى پارتلاپ ئىككىسى بالا بولۇپ جەمئىي 12 كىشى قازا قىلغان، تەخمىنەن 3 مىڭ كىشى يارىلانغانىدى.

دۆلەتتە تۈنۈگۈنمۇ سىمسىز چاقىرغۇ ئاپپاراتلىرى پارتلىتىلىپ، 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر