گۇتېررېس: خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەززە ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2189133
گۇتېررېس: خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس نىيۇيوركتا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ يىغىندا خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىپ، غەززەدىكى ئۇرۇشنى مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تەرەپلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملاردا ب د ت خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى مەسىلسىى توغرىسىدىمۇ توختالغان گۇتېررېس، ئىنسانىي ياردەم خىزمەتچىلىرىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىنسانىي ياردەم خىزمەتچىلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ جىددىي تەكشۈرۈلۈشى ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى؛ بۇ تەلەپنىڭ ھەممە يەر ئۈچۈن، ئەمما بولۇپمۇ غەززە ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس، غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىنسانىي ياردەم خىزمەتچىلىرىنىڭ سانىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن مەيدانىنى نامايان قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گۇتېررېس ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەززە، غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا ھوقۇقنى قولىغا ئېلىشى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان شارائىتلارنىڭ يارىتىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت باش كاتىپى يەنە: «پەلەستىن دۆلىتى ئۆزىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن باشقۇرۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر