بىن سەلمان: مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلماي تۇرۇپ رىياد-تېل ئاۋىۋ مۇناسىۋىتى نورماللاشمايدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلمىغۇچە ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلمايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.
2189252
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان سەئۇدى ئەرەبىستان شۇرا (كېڭەش) مەجلىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، «سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلمىغۇچە ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلمايدۇ» دېدى.
بىن سەلمان دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنى كۆزگە ئىلماستىن سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بارلىق دۆلەتلەرنى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان، بۇنىڭ «(پەلەستىننىڭ) خەلقئاراۋى قانۇنىيلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ دائىرىدە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ئىجابىي ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، پەلەستىن مەسىلىسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى «ئاساسلىق ئىختىلاپ» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشىنى باشلىغاندىن كېيىن ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بۇ مەسىلە ھەققىدە كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىشىنىڭ مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.