ياپونىيەلىك تومىكو ئىتوكا «دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم» گە ئايلاندى
ياپونىيەلىك تومىكو ئىتوكا 116 ياشتا «دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم» گە ئايلاندى.
2188112
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرۇۋاتقان تومىكو ئىتوكا ئالدىنقى ئايدا 117 ياشلىق مارىيا برانياس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، «دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم» گە ئايلاندى.
جىنېس دۇنيا رېكورتى كىتابى دائىرىلىرىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر 116 ياشلىق تومىكونى ئۇ تۇرۇۋاتقان ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە زىيارەت قىلغان.
تومىكو دائىرىلەر ئۇنىڭغا رېكورت لەۋھەسىنى تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، «دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم» دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولدى.
ئىمپېراتور مېيجى دەۋرىدە تۇغۇلغان تومىكو ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقاندا، 32 ياشتا ئىدى.
«دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم» 117 ياشلىق ئىسپانىيەلىك مارىيا برانياس 2024 – يىلى 20 - ئاۋغۇستتا ۋاپات بولغان ئىدى.