ئىراق تۈركمەنلىرى يىغىن چاقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركمەنلەر 20-ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى پارلامېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە يىغىن چاقىرىپ، تۈركمەنلەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

2188021
ئىراق تۈركمەنلىرى يىغىن چاقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي تەشكىلاتلارغا مەسئۇل مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىراق تۈركمەن فىرونتى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئايدىن مارۇف، تۈركمەن سىياسىيونلار ۋە ئامما ئىشتىراك قىلغان يىغىن، تۈركمەن شېھىتلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

تۈركمەن مىنىستىر مارۇف يىغىندا سۆز قىلىپ، سايلامنىڭ بارلىق سىياسىي قاتلاملارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ سايلامنىڭ «پاكىز» ئۆتكۈزۈلۈشى تەرەپدارى ئىكەنلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىراقتىكى تۈركمەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىراق كورد رايونى ۋە ئەربىلدىكى تۈركمەنلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلغان مارۇف، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەت مەجلىسىنىڭ ئەربىلدە تۈركمەنلەرگە بىرلا ئورۇن ئاجرىتىلىشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سايلام خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ سايلامغا ساننىڭ سىرتىدىن قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركمەنلەر ئەزەلدىن ھەق-ھوقۇقىنى دىيالوگ ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلدى. رايوندا ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم سايلامغا قاتنىشىشى كېرەك. بۇ پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر