ئىران پىرېزىدېنتى: تۈركىيە دوستىمىز ۋە قېرىندىشىمىز

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان تۈركىيەنىڭ ئىراننىڭ دوستى، قېرىندىشى، قوشنىدارچىلىق ۋە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2188047
ئىران پىرېزىدېنتى: تۈركىيە دوستىمىز ۋە قېرىندىشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسئۇد پەزەشكىيان ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

پەزەشكىيان تۈركىيە-ئىران مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بىزنىڭ دوستىمىزدۇر، قېرىندىشىمىزدۇر، بىز بىلەن  ئۇزۇنغا سوزۇلغان قوشنىدارچىلىق، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە بىر دۆلەتتۇر. سىرتقى كۈچلەر ئوتتۇرىمىزغا چېگرا لىنىيەلىرىنى سىزىپ بەردى، بولمىسا چېگرانىڭ بۇ تەرىپى بىلەن قارشى تەرىپى ئوخشاشتۇر. ئېتىقادىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تۈركىيە بىلەن بولغان  مۇناسىۋەتلىرىمىزنى چوقۇم كۈچىيىشىمىز كېرەك.»

ئىراننىڭ سابىق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشنىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى چوقۇم داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان پەزەشكىيان، تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا سوممىسىنى 30 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشنى پىلانلىغانلىقلىرى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋابەن، ئورتاق مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق يېتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ پەقەت بۇ ئىككى دۆلەتتىلا ئەمەس، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئورتاق مەبلەغ سېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.»

ئۇ يەنە تۈركىيەدە چوقۇم زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

نەىسلى تۈرك بولغان پەزەشكىيان ئىيۇل ئېيىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر