ئامېرىكا تەيۋەنگە 228 مىليون دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىپ بېرىشكە تەييار
خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشىدا تۇرۇۋاتقان تەيۋەنگە ئامېرىكا 228 مىليون دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىپ بېرىشكە تەييارلىق قىلماقتا.
2188175
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سېتىشنى تەستىقلاشقا بولغان قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، تەيۋەنگە بېرىلىدىغان ھەربىي ئەسلىھەلەر، زاپاس زاپچاسلار، رېمونت قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىە ئالغان سېتىپ بېرىشنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ 228 مىليون دوللار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مەزكۇر مۇمكىنچىلىك دائىرىسىدىكى سېتىشنىڭ «رايوندىكى سىياسىي مۇقىملىق، ھەربىي تەڭپۇڭلۇق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدىغانلىقى» ھەمدە بۇ سېتىشنىڭ تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.