رىياد مەنسۇر: «پەلەستىن خەلقى ۋە رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن ئاشەنۇر شېھىتتۇر»
پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر، «پەلەستىن خەلقى ۋە رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن ئاشەنۇر شېھىتتۇر» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىياد مەنسۇر ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ: «سىزدىن ئۆتكەن ھەپتە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە مەرگەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تۈركىيە ۋە ئامېرىكا پۇقراسى پائالىيەتچى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگى توغرىسىدا بىر سوئال سورىماقچىمەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ باياناتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە بۇ بىر ھادىسە دېدى. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار بولسا بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. سىز بۇ ۋەقەگە ۋە غەربىي قىرغاقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالغا قانداق باھا بېرىسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب قايتۇردى.
رىياد مەنسۇر «ئايشەنۇر پەلەستىن خەلقى ۋە رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن شېھىتتۇر» دېدى ھەمدە ئايشەنۇر ئەيگىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رىياد مەنسۇر ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ قورۇسىدىن ھەربىي مۇراسىم بىلەن ئاخىرەتكە ئۇزىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا تىنچ نامايىشتا قاتناشقۇچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ۋە پەلەستىنلىكلەرنى قوللاپ نامايىشقا قاتناشقان شۇنداقلا ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ بېشىغا ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان ئىدى.
پەلەستىن دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ئەيگى 6 - سېنتەبىردە ۋاپات بولغان ئىدى.
ئەيگىنىڭ جىنازىسى 14 - سېنتەبىر ئايدىننىڭ دىدىم رايونىغا دەپنە قىلىنغان ئىدى.
ئەيگى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىغا قارشى تىنچ ۋە پۇقراۋى ئۇسۇللار ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەرنى قوللىغان بولۇپ، ئۇ خەلقئارا ئىتتىپاقلىق ھەرىكىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە پىدائىيسى ئىدى.