«بېبىنكا» ناملىق تەيفېڭ بورىنى خىتاينىڭ بېشىغا بالا بولماقتا
«بېبىنكا» ناملىق تەيفېڭ بورىنى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جياڭسۇ ئۆلكىسىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر لىنىيەسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئىككى خىتاي جېنىدىن ئايرىلدى.
خىتاي دۆلەت مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شاڭخەي شەھرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 80 كىلومىتىر كېلىدىغان جوۋشى يېزىسىدا توك ئىستولبىسى ئۆرۈلۈپ، توك ئېقىمىغا دۇچار بولۇش سەۋەبىدىن ئىككى خىتاي ئۆلگەن.
بۇ ئۆلگۈچىلەر دۆلەتنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن تەيفېڭ بورىنىدا تۇنجى ئۆلگەنلەر بولۇپ رويخەتكە ئېلىنغان.
تۈنۈگۈن خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەن بېبىنكا تەيفېڭ بورىنى شاڭخەي شەھىرىدە كۈچلۈك ھېس قىلىندى.
خىتاي سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولغان شاڭخەي شەھىرىدە كوچىلارنى سۇ بېسىپ كەتتى. ئايروپىلان، پويىز ۋە پاراخوت قاتنىشى توختىدى.
سائەتلىك سۈرئىتى 151 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بوران سەۋەبىدىن دېڭىز قىرغىقىدا ياشايدىغان 414 مىڭ كىشى بىخەتەر رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.
بۇ تەيفېڭ بورىنىنىڭ يېقىنقى 75 يىلدا يۈز بەرگەن ئەڭ كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
خىتاينىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان تەيفېڭ بورىنىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئايتوقاچ بايرىمى مەزگىلىدە ھەددىدىن تاشقىرى يامغۇر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
خىىتاي دۆلەتلىك مېتېرولوگىيە مەركىزى جياڭسۇ، ئەنخۇي، خىنەن، خېبىي ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىرىدە 200 مىللىمېتىرغا يېتىدىغان دەرىجىدە قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.