ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى ئۆزلىرى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دېكابىردا غەززەدە جەسىتى تېپىلغان ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ ئۆز ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

2187697
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى ئۆزلىرى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيەسى «12-قانال» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رون شېرمان ۋە نىك بىيسېر ئىسىملىك ​​ئەسكەرلەر بىلەن ئېلىيا تولېدانو ئىسىملىك پۇقرا ئەسىرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى رەسمىي ئۇقتۇرغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 14 - دېكابىر غەززەدىكى بىر تونېلدىن 3 ئەسىرنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشقا قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

«12-قانال» تېلېۋىزىيىسىنىڭ 9 - سېنتەبىردىكى خەۋەرىدە،  ئارمىيەنىڭ تەخمىنەن 9 ئاي ئىلگىرى غەززە رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 3 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ئەمما بۇنى جامائەتچىلىكتىن يوشۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەۋەردە، غەززەدىكى شىمالىي دىۋىزىيەنىڭ قوماندانى ئەھمەد ئەل گەندۇر ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ 1-ئايدا ئائىلىسىگە يەتكۈزۈلگەنلىكى، ئەمما ئارمىيەنىڭ يالغان سۆزلەپ، «ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ بوغۇلۇش ياكى زەھەرلىنىش ئىكەنلىكى ئېنىقلانمىدى» دېگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەردە، ئائىلىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسىدە، ئەسىرلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقى ئېنىقلانغانلىقى، ئاۋغۇستتا ئارمىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئەسىرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بۇ نەتىجىنى يەتكۈزگەنلىكى تەكىتلەندى.

گەرچە ئارمىيە فېۋرالدىن بېرى بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ياخشى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما باش ئىشتاب باشلىقى ھېرزى ھالېۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بۇنى ئاممادىن يوشۇرۇشنى تاللىغانلىقى ئاشكارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر