ماراكەش پادىشاھى پەيغەمبەرئەلەيھىسسلامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە جىنايەتچىلەرنى كەچۈرۈم قىلدى
ماراكەش پادىشاھى 6- مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، جىنايەتچىلەرنى كەچۈرۈم قىلىش قارارنامەسى ئېلان قىلدى.
2187601
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پادىشاھ 6-مۇھەممەدنىڭ كەچۈرۈم قىلىش قارارنامەسىدىن 638 مەھبۇس ۋە جىنايەتچىنىڭ پايدىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، مەھبۇسلاردىن 25 نەپىرىنىڭ ئۆتەۋاتقان جازا مۇددىتنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى ۋە 453 مەھبۇسنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ كېمەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا 3 جىنايەتچىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ قىسقارتىلغانلىقى، تۇتۇپ تۇرۇلماي سوتلانغان 157 كىشىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.