خۇسىيلار ئامېرىكاغا تەۋە يەنە بىر قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار دۆلەتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زەمار شەھىرىدە ئامېرىكاغا تەۋە يەنە بىر قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2187686
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى تېلېۋىزىيەدە تارقاتقان سىنلىق باياناتىدا، زەمار شەھىرىنىڭ ئاسمىنىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەۋە MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەھيا سەرى ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى زەمار شەھىرىنىڭ ئاسمىنىدا ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان پەيتتە، خۇسىيلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
باياناتچى يەھيا سەرى غەززە رايونىنى قوللاپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سانىنىڭ 10 غا يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.