گاللانت ئوستىن بىلەن تېلېفونلاشتى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت ھىزبۇللاھ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش پۇرسىتىنىڭ تۈگەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2187901
گاللانت ئوستىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر گاللانتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن تېلېفونلىشىپ، غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، گاللانت يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ «رايون خاراكتېرلىك تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ھىزبۇللاھنىڭ ھاماسقا يېقىنلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ۋە ئۇنىڭ بىلەن (ھىزبۇللاھ بىلەن) بىر رامكا كېلىشىمى تۈزۈش مۇمكىنچىلىكنىڭ تۈگەپ كېتىۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قوزغىغان 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان ھىزبۇللاھ قاتارلىق لىۋاندىكى لىۋان ۋە پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «كۆك سىزىق»تا ئۆزئارا توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر