ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىدىكى رايونلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ئالتە پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2186991
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى — ۋافانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە زەمبىرەكچى قىسىملىرى غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رەفاھ شەھىرىنىڭ مەۋاسى رايونىدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلغان؛ ھۇجۇمدا بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىر پەلەستىنلىك قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەلخەلىل شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەززاھىرىييە بازىرىغا بېسىپ كىرگەن.

پەلەستىن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا قارىغاندا، باستۇرۇپ كىرىش جەريانىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى كىشى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا، يەنە ئىككى كىشى بومبا پارچىلىرى تېگىپ يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر