ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز مىنىستىرلارنى قوبۇل قىلدى
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى - ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانچېز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى - ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئۈچۈن مادرىدتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ، بەزى ياۋروپا ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
ئۇچرىشىشقا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان دىن سىرت يەنە، مىسىر ۋە سلوۋېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، نورۋېگىيە ۋە ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىرى، قاتار دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇلئەزىز ئەلخۇلەيفى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇل غەيت، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا، بەھرەين، نىگېرىيە ۋە ئىرېلاندىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر قاتناشتى.
بۇ ئارىلىقتا، ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جوسې مانۇئېل ئالبارېس ئىسپانىيە دۆلەت رادىيوسى «RNE» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
«قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەلەستىندە ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ئىشارەتلەرنى ھازىر كۆرەلمەيۋاتىمىز، ئەمما پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى ئارقىلىق تىنچ ھەم بىخەتەر بىرلىكتە ياشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»