رۇسىيە ئەنگلىيەلىك ئالتە دىپلوماتنىڭ خىزمەت ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىدىن گۇمانلانغان ئەنگلىيەلىك ئالتە دىپلوماتنىڭ خىزمەت ئىجازەتنامىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2187032
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئىستىخباراتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا ھەربىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى ماسلاشتۇرغانلىقىنى دەلىللەيدىغان بەزى ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «مەزكۇر ھۆججەتلەر ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا باشقارمىسىنىڭ رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى مۇساپىسىنى ماسلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
بۇ ئورۇننىڭ رۇسىيەنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنادا ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن ئىستىخبارات ئورگىنىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، موسكۋاغا ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم ئەنگلىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ: «بۇ دائىرىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، رۇسىيە لوندوننىڭ دۈشمەنلىك تەدبىرلىرىگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئەنگلىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ئالتە خادىمنىڭ خىزمەت ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇلارنىڭ چارلاش ۋە ئاغدۇرمىچىلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىسپاتلاندى» دېيىلدى.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى يەنە خىزمەت ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئەنگلىيە دىپلوماتلىرىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى.
ئەنگلىيە رۇسىيە جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن ئالتە ئەنگلىيە دىپلوماتىنىڭ خىزمەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، دىپلوماتلارنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ «پۈتۈنلەي ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىنىڭ بىر باياناتچىسى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەنگلىيەلىك خادىملارغا قاراتقان ئەيىبلىشى <پۈتۈنلەي ئاساسسىز> ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نىخون خىدانكيو تەشكىلاتىغا بېرىلدى
2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نىخون خىدانكيو تەشكىلاتىغا بېرىلدى.