جەنۇبىي كورېيە ھەربىي ئورۇنلاردىكى خىتايدا ئىشلەنگەن كامېرالارنى ئېلىپ تاشلىدى

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى شىمالىي كورېيە چېگراسىغا يېقىن بازىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ھەربىي ئورۇنلاردا ئىشلەتكەن خىتايدا ياسالغان كۆزىتىش كامېرالىرىنى ئېلىپ تاشلىدى.

2187087
جەنۇبىي كورېيە ھەربىي ئورۇنلاردىكى خىتايدا ئىشلەنگەن كامېرالارنى ئېلىپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھەربىي ئەمەلدار، 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ھەربىي ۋە ئىستىخبارات خادىملىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىر جەنۇبىي كورېيە شىركىتى تەمىنلىگەن كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

مەزكۇر ئەمەلدار بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ كامېرالارنىڭ خىتاي مۇلازىمېتىرىغا ئۇلىنىپ، خاتىرىلەنگەن كۆرۈنۈشلەرنى سىرتقا يەتكۈزۈلەيدىغان شەكىلدە ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكى بايقالدى. ئەمما ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات ئاشكارىلانمىدى» دېگەن.

بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن خىتايدا ئىشلەنگەن 1300 دىن ئارتۇق كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئورتاقلاشقان مەزكۇر ئەمەلدار، بۇ كامېرالارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ياسالغان ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ شىمالىي كورېيە چېگراسىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەربىي مەشىق رايونى ۋە بازا رىشاتكىلىرىغا ئورنىتىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، كامېرا بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەسلى دۆلىتىنى يوشۇرغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئارمىيەنىڭ شىركەت ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر