زاخاروۋا ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ بىر «پاجىئە» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىن باياناتچىسى مارىيە زاخاروۋا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا پۇقراسى ئايشەنور ئەزگى ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيە ئاسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ «پاجىئەلىك» بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2186522
زاخاروۋا ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ بىر «پاجىئە» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈندىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تا پائالىيەتچى ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى توغرىسدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ بىر پاجىئەلىك ۋەقە. بۇ غەززەدىكى سۈركىلىشنىڭ يەڭگىللىتىلىشى ۋە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

زاخاروۋا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قان تۆكۈلۈشنىڭ داۋاملىشىشى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا، ئومۇمەن ئوتتۇرا شەرقتە زورۋانلىقنىڭ ئۇلغيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. شۇڭا ئۇرۇش توختىتىپ، ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە مۇھاسىرىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان غەززە خەلقىگە تېزدىن ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنى يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا سۈركىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى ۋە مەسىلىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن زورۈر بولغان سىياسىي مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىغىلى بولۇشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر