ئامېرىكادا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىنىڭ ئەڭ زور تېررورلۇق ھۇجۇمى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ھۇجۇمىنىڭ قۇربانلىرى ۋەقەنىڭ 23-خاتىرە يىلىدا يەنە بىر قېتىم مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ ياد ئېتىلدى.

2186412
ئامېرىكادا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ بۇرۇنقى ئورنىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مۇراسىمغا ئامېرىكا پىرىزىدېنتى جو بايدىن، مۇئاۋىن پىرىزدېنت كامالا خاررىس، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرىزىدېنتى دونالد ترامپ، پىرىزدېنت ياردەمچىسى كاندىداتى JD Vance، نىيۇيورك ئىشتاتى سېناتورى چاك شۇمېر ۋە نىيۇيورك شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى مايكل بلۇمبېرگ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا قۇربانلارنىڭ ئىسىملىرى ئۈنلۈك ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

نىيۇيوركتىكى مۇراسىمدىن كېيىن بايدىن بىلەن خاررىس 11-سېنتەبىر گۆرۈگە ئېلىۋېلىغان ئاخىرقى ئايروپىلان چۈشۈرۈلگەن پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ شانكسۋىللى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن باشقا بىر مۇراسىمىغا قاتناشتى.

خاررىس بىلەن بايدىن F-16 ئايروپىلانلىرىنىڭ تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن Flight 93 ناملىق ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى چۈشكەن يەرنىڭ يېقىنىدىكى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى ۋە ئۇ يەردىن شۇ كۈنى باشقا بىر ئايروپىلان سوقۇلغان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون)دىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن 11-سېنتەبىر ھۇجۇملىرىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «بۇنىڭدىن 23 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە تېررورچىلار بىزنىڭ ئىرادىمىزنى بويسۇندۇرالايدىغانلىقىغا ۋە بىزنى تىز چۆكتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇلار خاتالاشتى ۋە ھەمىشە خاتالىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

 

2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر ھۇجۇملىرى

 

11-سېنتەبىر سەھەر دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ نىيۇيورك شەھىرى مانخاتتان ئارىلىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان مەشھۇر قوشماق بىنالىرى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن ئويغاندى.

نېۇۋارك، بوسون ۋە ۋاشىنگتوندىن سان فىرانسىسكو ۋە لوس ئانژېلېسقا قاراپ قوزغالغان تۆت يولۇچىلار ئايروپىلانى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ لوس ئانژېلېسقا قاراپ كېتىۋاتقان ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 08:46 دا نيويوركتىكى قوشماق بىنالارنىڭ شىمالدىكى بۆلىكىگە سوقۇلدى.

شىمالىي بىنالارنىڭ شىمالىي قىسمى ئوت يالقۇنلىرى ئىچىدە قالغان بىرپەيتتە بىرلەشمە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان يەنە بىر ئايروپىلانى ئالدىنقى ھۇجۇم يۈز بېرىپ 17 مىنۇتتىن كېيىن، سائەت دەل 09:03 دە تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىۋاسىتە تارقىتىش بېرىۋاتقان بىر پەيتتە قوشماق بىنالارنىڭ جەنۇبتىكى بۆلىكىگە سوقۇلدى.

قوشماق بىنالارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان يەنە بىر ئايروپىلان پېنتاگون بىناسىغا سوقۇلدى.

گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان Flight 93 ناملىق ئاخىرقى (تۆتىنچى) ئايروپىلان بولسا، پېنسىلىۋانىيە ئىشتاتىنىڭ شانكسۋىللى ئاھالىلەر رايونىغا يېقىن تاغلىق رايوندا F-16 لار تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى.

11-سېنتەبىر ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئايروپىلانلارنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان 19 ھۇجۇمچىدىن سىرت نىيۇيورك، واشىنگتون ۋە پېنسىلىۋانىيەدە جەمئىي 2977 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر