ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان يېڭى ياردەملەرنىڭ مىقدارىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلېنكىن دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنانى ھەر خىل ساھەلەر بويىچە جەمئىي 717 مىليون دوللارلىق قوللاپ-قۇۋۋەتلەش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2186410
ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان يېڭى ياردەملەرنىڭ مىقدارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرىي سىبيگا 4-نۆۋەتلىك قىرىم مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان كىيېۋدائام  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلېنكىن ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دېيۋىد لاممى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سىبيگا مېھمان مىنىستىرلار بىلەن دۆلىتىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سۆھبەت جەريانىدا، ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان سىبيگا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۈچۈن يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ۋە قوراللارنى سېتىۋېلىشقا ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغلىرىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، «بۇ ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان ھەربىي ياردەمنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇش ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بايلىقلىرىنى قوغداشنىڭ بىر ئۇسۇلى» دېدى.

بلىنكىن بولسا، ئۇكرائىنانىڭ غەرب دۆلەتلىرى تەمىنلىگەن ئۇزۇن مۇساپىلىك قوراللارنى ئىشلىتىشىگە ئىجازەت قىلىش تەلىپى مەسىلىسىنى ئۇكرائىنالىق رەھبەرلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى، بۇ مەلۇماتلارنى ئامېرىكا پىرىزىدېنتى جو بايدىنغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانتونى بلېنكىن 13-سېنتەبىر جۈمە كۈنى بايدىن بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېرنىڭ ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك قورال ئىشلىتىش تەلەپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

بلىنكىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 325 مىليون، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئۈچۈن 290 مىليون ۋە مىنالارنى تازىلاش ئىشى ئۈچۈن 102 مىليون بولۇپ، ئۇكرائىناغا جەمئىي 717 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لاممىمۇ دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىناغا يىللىق 3 مىليارد فوندسېرلىڭ ھەربىي ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىلىقتا ئۇكرائىنا پىرىزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لاممى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلېنكىننى قوبۇل قىلدى.

زېلېنسكىي تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچرىشىشتا بارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۆلىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەگە رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر