گۇتېررېس: ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 6 ب د ت خادىمى ئۆلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسايرات مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ب د ت نىڭ 6 خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسايرات مۇساپىرلار لاگېرىدا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار پاناھلىنىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) مەكتىپىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ب د ت نىڭ 6 خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇتېررېس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
«غەززەدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئىسرائىلىيە بۈگۈن يەنە پاناھ جايغا ئايلاندۇرۇلغان ۋە تەخمىنەن 12 مىڭ كىشى پاناھلىنىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA)) غا تەۋە بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلدى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە ب د ت نىڭ 6 خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.»
«خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپ بۇنداق ۋەھشىي قىلمىشلارغا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەك.»
غەززە رايونىدىكى خەلق مۇداپىئەسى باشقارمىسىنىڭ باياناتىدا، ئەلكەۋنى مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە 18 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 18 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.