بوررېل: ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا پىسەنت قىلماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا پىسەنت قىلماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2186613
بوررېل: ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا پىسەنت قىلماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىي ۋەكىل جوسېپ بوررېل ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرىغا قىسمىغا جايلاشقان نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ب د ت نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئورگىنىغا  قاراشلىق بىر مەكتەپكە قاراتقان ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىدىكى مەزكۇر مەكتەپكە بەشىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە ھۇجۇملاردا مەزكۇر ئورگاننىڭ ئالتە خىزمەتچىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بوررېل: «خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا، بولۇپمۇ پۇقرالارنى قوغداشقا سەل قاراش خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە قوبۇل قىلىنماسلىقى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر