ب د ت سۇدانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2005-يىلدىن بۇيان سۇدانغا يۈرگۈزۈۋاتقانقورال-ياراق ئېمبارگوسى، ساياھەت چەكلىمەسى ۋە مال-مۈلۈكلەرنى توڭلىتىپ قويۇش جازالىرىنىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىشنى قارارلاشتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان قارار لايىھەسى 15 ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.
قاراردا، سۇدانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال - ياراغ ئېمبارگوسى، بىر قىسىم شەخس ۋە ئورگانلارغا قويۇلۇۋاتقان ساياھەت چەكلىمەسى ۋە مال – مۈلۈكلەرنى توڭلىتىپ قويۇش قاتارلىق جازالارنىڭ مۇددىتى 2025-يىلى 12-سېنتەبىرگىچە ئۇزارتىلدى.
قارارنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى روبېرت ۋۇد، دارفۇر خەلقىنىڭ داۋاملىق خەتەر ۋە ئۈمىدسىزلىككە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ قارارنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇدان خەلقىنىڭ تەقدىرىگە، سۇدان ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ھەم بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2005-يىلى 29-مارت كۈنى ماقۇللىغان 1591 - نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن، دارفوردىكى توقۇنۇشقا داخىل بولغان بىر قىسىم شەخس ۋە ئورگانلارغا قورال - ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراندا ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى
ئىراننىڭ مازەندەران ئۆلكىسىدە ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى.