ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-بازارلارغا ھۇجۇم قىلماقتا

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-بازارلارغا سەھەر ۋاقتىدىن بۇيان بىر قاتار ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

2185901
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-بازارلارغا ھۇجۇم قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوندىكى  شاھىتلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى زىبكىن، ئەش-شايتىيە، كلايلا، مەجدەل زون، ھاننىيە ۋە تاير خارفا قاتارلىق يېزىلارغا 17 قېتىم ھۇجۇم قىلغان.

لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (NNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كلايلا بازىرىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە بىنالارغا زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن.

بىنت جۇبەيل شەھىرى ئۈستىدە ئىسرائىلىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئۇچقان، ئايتا ئەششاباب ۋە رامىيا شەھەرلىرىنى ئىسرائىلىيە ئاپتوماتىك قوراللار ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئوققا تۇتقان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېچىدە x ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەربىي رازۋېدكا تارماقلىرى (AMAN) نىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى سۇر شەھىرىنىڭ جويا رايونىدا «ھىزبۇللاھقا تەۋە قورال زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ناباتىيە، مەنسۇرى ۋە كەفر كەللا رايونىدىمۇ ھىزبۇللاھنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ۋە ھەربىي بىنالارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان لىۋاننىڭ جەنۇبىدا داۋاملاشتۇرۇىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھىزبۇللاھنىڭ 434 ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر