ئامېرىكادا ئىككى يولۇچى ئايروپىلانى ئۇچۇش يولىدا سوقۇشۇپ كەتتى
ئامېرىكا دېلتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە ۋە ئېندېئاۋۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە يولۇچى ئايروپىلانلىرى جورجىيا ئىشىتاتىنىڭ ئاتلانتا ئايرودورومىدىكى ئۇچۇش يولىدا بىر ىرتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى (FAA) دېلتا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھەمدە ئوخشاش شىركەتنىڭ قارمىقىدىكى ئېندېئاۋۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلاننىڭ خارتسفىلىد-جېكسون ئاتلانتا خەلقئارا ئايرودورومىنىڭ ئۇچۇش يولىدا ئۆزئارا سوقۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىگە قاراپ ئۇچۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دېلتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە <Airbus A350> تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ قانات ئۇچىنىڭ 5526-نومۇرلۇق ئېندېئاۋۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلانىنىڭ قۇيرۇقىغا سوقۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقە توغرىسىدا ھەمبەھىرلەنگەن سىندا، ئېندېئاۋۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە بومباردىمانچى تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىنىڭ سوقۇلۇش سەۋەبىدىن يەرگە چۈشكەنلىكى كۆرۈلدى.
توكيوغا بارىدىغان دېلتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلاندا 221 يولۇچىنىڭ بارلىقى ۋە بومباردىمانچى CRJ900 تىپلىق ئېندېئاۋۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلاندا لۇئىسئانا ئىشتاتىغا بارىدىغان 56 يولۇچىنىڭ بارلىقى ھەمدە ئۇچۇشقا تەييارلىنىۋاتقان پەيتتە سوقۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى مەسئۇللىرى سوقۇلۇشتا ھېچكىمنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراندا ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى
ئىراننىڭ مازەندەران ئۆلكىسىدە ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى.