شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەشنامەن

شىۋېتسىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيا مالمېر ستېنېرگارد تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2186173
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەشنامەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4-سېنتەبىر كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن توبىياس بىلسترومنىڭ ئورنىغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن ستېنېرگارد، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«بولۇپمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز بولغان تۈركىيە بىلەن داۋاملىق يېقىندىن ھەمكارلىشىمەن، تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمەن.»

ستېنېرگارد شىۋېتسىيەنىڭ پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە سىياسىتىنىڭ تىنچلىقنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئالدى بىلەن رايوندا قورال-ياراغنى جىمىقتۇرۇش ۋە تىنچلىق ئورنىتىش كېرەك.   كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك.»

ئۇ، ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنانىڭ داۋاسى بىزنىڭمۇ داۋامىزدۇر، ئۇكرائىنا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى كېرەك، بىز ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايمىز.»

شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى «SVT» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېنېرگارد، تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى  18-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيەگە قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر