ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەنى ب د ت نىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى

ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

2185595
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەنى ب د ت نىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا «تەخىرسىز» ئېھتىياج بارلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋوڭ ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتز بىلەن كۆرۈشكەندە، ب د ت نىڭ قوللىغان ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى قوبۇل قىلىش توغرسىىدىكى چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرلىرىنىڭ «قۇتراتقۇلۇق»لىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۈزۈل-كېسىل تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋوڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ زېمىنلىرىنى تارتىۋالغان ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ئاۋسترالىيەگە ساياھەت ۋىزىسى بەرمەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر